بىنالى يىلدىرىم: خەلقىمگە رەھمەت ئېيتىمەن

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم كوچا ۋە مەيدانلارنى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنغان ئۇنسۇرلارغا تاشلاپ بەرمىگەن خەلق ئاممىسىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

530457
بىنالى يىلدىرىم: خەلقىمگە رەھمەت ئېيتىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتۆ (فەتھۇللاجى تېررورلۇق تەشكىلاتى) غا چېتىشلىق بىر توپ ئەسكەرلەر، خەلقنىڭ قورالىنى خەلققە تەڭلىدى. بەزى جايلار بومباردىمان قىلىندى، خەلقنىڭ ئۈستىگە قارىتىپ تانكا ھەيدەلدى، ئوق چىقىرىلدى. ئايروپىلان ۋە ھەربىي تىك ئۇچارلار جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسى، ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى، ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسى، گۆلباشى ئالاھىدە ساقچى قىسمى مەركىزىنى نىشان قىلدى. گۆلباشى باش تەپتىش مەھكىمىسى ھۇجۇملاردا 42 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئايروپىلانلارنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسى جايلاشقان بەشتەپە ئەتراپىنى بومبىلىشى نەتىجىسىدە، بەش ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) غىمۇ نۇرغۇن قېتىم بومبا تاشلاندى، ۋەقەلەردە 12 ساقچى يارىلاندى.

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ھەربىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان بىر گېنېرالنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن، دېموكراتىيەگە ئىگە چىقتى، ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى مەيدانىنى ناھايىتى روشەن ئىپادىلەپ، ھۆكۈمىتىمىزنى قوللىدى. ئىككىنچىسى، خەلقىمىز كوچىلارنى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغان ئۇنسۇرلارغا تاشلاپ بەرمىدى، پۈتۈن خەلقىمگە رەھمەت ئېيتىمەن. خەلقىمىز دېموكراتىيەنى قوغدىدى، خەلقىمىز مەيدانلاردىن ھەر∣گىزمۇ ئايرىلمىسۇن، ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىققانلار مەيدانلارغا كەلسۇن.»

باش مىنىستىر ئارمىيە قوماندانلىق باش ئىشتاب باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە 1 – ئارمىيەنىڭ قوماندانى گېنېرال ئۈمىت دۈندارنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فەتۆ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش جەريانىدا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ھۇلۇسى ئاكار ئەنقەرە ئاكىنجادىكى 4 – ھەربىي ئايروپىلانلار بازا قوماندانلىق ئىشتابىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت بىلەن قۇتقۇزۇلدى.

بىنالى يىلدىرىم: «باش ئىشتاب باشلىقىمىز ھۇلۇسى ئاكار ساق – سالامەت قۇتقۇزۇۋېلىندى. ھازىر چانكايا سارىيىدا خىزمەت ئورنىدا» دېدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالانىڭ يوليورۇقى بىلەن فەتۆ (FETÖ) غا ئەزا 29 ئوفىتسېر ۋە بەش گېنېرال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنغان فەتۆغا ئەزا 754 كىشى تۇتۇلدى.

تۈركىيە باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى جەلالەتتىن لەكەسىز ئەنقەرەدە بەشتەپەدىكى ژاندارما قوماندانلىق مەركىزىدە 16 ئەسكەرنىڭ ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، 250 كە يېقىن ئەسكەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. جەلالەتتىن لەكەسىز بۇ يەردىكى ئەسكەرلەرنىڭ 81 ۋىلايەتتىكى ژاندارمىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ، قوماندانلىق قىلىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر