تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تۈركىيەدىن قاچماقتا

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇدا بىر يىلدىن بۇيان شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇنى تېررورىستلاردىن تازىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان ۋە كۈتكىنىدەك رايون خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى

530079
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تۈركىيەدىن قاچماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا قەندىل تېغىدا چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنىدا بۇ يىل يازنىڭ ئاخىرىدا  ساھەنى خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىگە قالدۇرۇپ، كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، تۈركىيەنى تەرك ئېتىش قارارى ئالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك لىق تېررورىستلار كىچىك گۇرۇپپىلار ھالىتىدە سۈرىيەنىڭ روجوۋا ۋە ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە رايونلىرىغا قاچىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر