تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنى تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسېلغا جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىناسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە سۈرىيەدىكى قولچۇماقچىسى پ ي د نىڭ تەشۋىقاتىنىڭ قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

528396
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىنى تېررورلۇقنى تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ياۋروپا پارلامېنتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، بۇنىڭ قوش ئۆلچەملىك پوزىتسىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالان ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى قولچۇماقچىسى پ ي د نىڭ ئەزالىرىنىڭ رەسىملىرى ئېسىلغان كۆرگەزمە ئېچىلغانلىقى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، ھەركۈنى تۈركىيە پۇقرالىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى كۈنلۈكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى دائىرەسىگە كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا پارلامېنتى ياۋروپا ئىتتىپاقى ‹تېررورلۇق تەشكىلاتى› دەپ قوبۇل قىلغان پ ك ك نىڭ قولچۇماقچىسى پ ي د نى پارلىتىپ، نېمىنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە قىينىلىۋاتىمىز.»

ئۇ: «بۇ كۆرگەزمىنى تەشكىللىگەنلەر، ئەگەر ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ‹پ ي د نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلغانلىقى› غا تاياندۇرسا، ئۇلارغا نۇسرا ئالدىنقى سېپى، ھىزبۇللاھ ۋە قولى قانغا بويالغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ كۆرگەزمىلىرىنىمۇ ئېچىشىنى تەكلىپ قىلىمىز. بىزنىڭ نۇقتىمىزدىن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەن ۋە قاندىن ئوزۇقلىنىدىغان نۇسرا ئالدىنقى سېپى، دائېش، پ ي د ۋە پ ك ك ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ياۋروپا پارلامېنتىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ كۆرگەزمە بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتىغا، يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تېررورىزمنىڭ تەشۋىقاتىغا ئويۇنچۇق بولۇپ بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا نىسبەتەن قوللىنىلىۋاتقان قوش ئۆلچەم، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئوبرازىغا چوڭ زىيان سالغانلىقى ئەسكەرتىلدى. تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە پىرىنسىپچان پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىمۇ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ پىرىنسىپچان بولغان مەيدان ئارقىلىقلا ئورنىتىلىش مۇمكىنلىكىنى ھەر بىر پۇرسەتتە خاتىرىلىتىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن بېلگىيەدە ئېچىلغان كۆرگەزمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دائىمىي ۋاكالەتخانىسىنىڭ بۇ ھەقتە كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر