تېررولۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىستىخباراتقا ئاساسەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن رايوندا 7 نىشاننى بىت – چىت قىلىپ تاشلىدى.

526413
تېررولۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە پ ك ك غا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى مىرگېساۋ ۋە داغلىجا ئەتراپىدا تېررولۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىستىخباراتقا ئاساسەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن رايوندا 7 نىشاننى بىت – چىت قىلىپ تاشلىدى. 

ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك تاماملىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بازىغا قايتىپ كەلدى.

 بۇ ئارىلىقتا سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى باراگىتاھ، تەل ئەھمار ۋە شابانىيە رايونلىرىدا تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىدا ئىكەنلىكى بايقالغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا تەۋە نىشانلار توپقا تۇتۇلدى.

توپقا تۇتۇش ۋە ئىتتىىپاقداش ئارمىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ دابى رايونىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، ئايروپىلان سوقار (كايتۇشا) ۋە راكىتامىيۇت ئاتارلاردىن تەشكىل تاپقان 10 نىشان ۋەيران قىلىپ تاشلاندى. 

دائېشقا ئەزا 8 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى ۋە بازا ئورنىدا ئىشلەتكەن بىر بىنا پاچاقلاپ تاشلاندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر