ئەردوغان پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

524104
ئەردوغان پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ روزا ھېيتنى ناھايىتى مۇشەققەتلىك بىر پەيتتە تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بېشى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت، ئاخىرى ئەبەدىي ئازابتىن قۇتۇلۇپ، نىجاتلىققا ئېرىشىش بولغان رامىزان بىلەن خوشلىشىپ، ھېيتنى كۈتۈۋالدۇق، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. ئۇدا بىر ئاي قېرىنداشلىق، ھەمكارلىق، بىرلىك ۋە ياردەملىشىش مۇھىتى ئاستىدا ياشىدۇق. شەھەرلىرىمىزدە، مەھەللىلىرىمىزدە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىز بىلەن، قۇلۇم – قوشنىلىرىمىز بىلەن، ئېھتىياجلىق كىشىلەر بىلەن نېنىمىزنى، سۈيىمىزنى ئورتاقلاشتۇق. ناھايەت ھېيتنى كۈتۈۋالدۇق. ھېيت – بايراملار رەببىمىزنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس نېمەتلىرىدىن بىرى بولۇشتىن سىرت يەنە، مىللىي بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىز سېپىمىزنى مۇستەھكەملەش، قېرىنداشلىق ئەھدىمىزنى يېڭىلاش ئۈچۈنمۇ تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەتتۇر.

ئىسلام دۇنياسى روزا ھېيتنى كۈتۈۋالغان ھالقىلىق بىر پەيتتە، ئافغانىستاندىن سۈرىيەگىچە ئوخشىمىغان قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىز بار. تولىمۇ ئەپسۇسكى، تۈركىيەدىمۇ روزا ھېيت خۇشاللىقىغا تېررورلۇق ھۇجۇملىرى كۆلەڭگە چۈشۈردى. ئوتتۇرا شەرقمۇ، ياۋروپامۇ جىددىي كىرىزىسلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ياۋروپا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كىرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قارارى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. دۇنيانى قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا ئىتتىرىۋاتقانلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىق ئېقىملىرىنىڭ ئالدىنى ئالالمايۋاتىدۇ. بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كىرىزىسلەرگە قارشى مۇھىم تەدبىرلەرنى ئالدۇق، پۇختا تەييارلىق قىلدۇق؛ 2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانىمىزنى بويلاپ قەدەممۇ – قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. تۈركىيە يېقىنقى 13 يىل ئىچىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دېموكراتىك قۇرۇلمىسى ۋە بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى ئارقىلىق سان - ساناقسىز بالايىئاپەتلەر ۋە كىرىزىسلەرنىڭ ئالدى ئالدى. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ يەر شارى خاراكتېرلىك قىيىن ئۆتكەلدىنمۇ چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتىمىز. تۈركىيە يېقىندىن بۇيان كېلەچەك ئۈچۈن ئۈمىد چىرىغى ياندۇرۇش مەقسىتىدە ئىسرائىلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا تارىخىي قەدەم تاشلىدى. بۇنداق قىلىشىمىزدىكى نىشانىمىز، تېررور ۋە سۈنئىي سۈركىلىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىپ، بۇزۇلغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى نورماللاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ دائىرىدە بارلىق توسالغۇلارنى بىر - بىرلەپ پاچاقلاپ تاشلاۋاتىمىز. ئاخىرىدا دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزىمىز. بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ تېررور بىلەن، تۈرلۈك كىرىزىسلەر بىلەن يولىمىزغا توسالغۇ بولۇشىغا قەتئىي كۈچى يەتمەيدۇ. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە نۇرغۇنلىغان بوھرانلارنى ئارقىمىزغا چۆرۈۋەتتۇق، دۆلىتىمىزنى ئۇلۇغۋار نىشانىغا يەتكۈزۈش يولىدا مىسلىسىز لايىھەلەرنى تاماملاۋاتىمىز، يېپيېڭى لايىھەلەرنى خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر