رۇسىيەگە تۆلەم بېرىلمەيدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 2015 – يىلى 24 – نويابىر تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇسىيە ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئەۋەتكەن مەكتۇبى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

519886
رۇسىيەگە تۆلەم بېرىلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەلىرى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەتە (29 – ئىيۇن) تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. كۆرۈشۈشتە، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رۇسىيە ئۇچقۇچىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەكتۇبى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. كرېمىل سارىيىمۇ ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى توغرىلىدى.

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك رۇسىيەگە تۆلەم بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى ھەپتىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ: «بىز پەقەت قايغۇلىرىمىزنى يەتكۈزدۇق، تۆلەم بېرىلمەيدۇ» دېدى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر