قۇرتۇلمۇش: دۇنيادىكى كۈرەشلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا كۈچ مۇۋازىنىتىنىڭ ئورنىتىلالماسلىقى ياتىدۇ
باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئەڭ چوڭ كۈچلىرىنىڭ دۆلەت بىلەن مىللەتنىڭ ئۆزئارا بىر گەۋدىلىشىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەنقەرەدە «جىھاننۈما» جەمئىيىتىنىڭ بوغازئىچى ياشام مەركىزىدىكى سوھۇر زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغان مېھمانلارغا خىتاب قىلدى؛ تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر باسقۇچتىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن قۇرتۇلمۇش، دۇنيانىڭمۇ كېلەچەكتە مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە ھامىلدار ئىكەنلىكىنى، سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىن كېيىن كېرەكلىك مۇۋازىنەتنىڭ ئورنىتىلالمىغانلىقىنى، دۇنيادىكى كۈرەشلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا كۈچ مۇۋازىنىتىنىڭ ئورنىتىلالمىغانلىقىنى ياتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيەنىڭ يۆنىلىنىشىدە ئىلگىرىلەپ ھەمدە دۇنيادىمۇ گېپى ئۆتىدىغان كۈچلۈك بىر مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تۈركىيەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك» دېدى.
سۆزى ئەسناسىدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلىشى ئۈستىدە توختالغان باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش، نۆۋەتتە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ 10 يىل ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە كىرىپ چىقمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.