باش مىنىستىر يىلدىرىم مەشئەل بىلەن كۆرۈشتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ھاماس سىياسىي بىيۇروسى رەھبىرى خالىد مەشئەلنى قوبۇل قىلدى.

518248
باش مىنىستىر يىلدىرىم مەشئەل بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر يىلدىرىم خالىد مەشئەل باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان، ئۇچرىشىش تەخمىنەن 1 سائەت داۋاملاشقان. ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى داۋاملىق قوللاۋاتقانلىقى، پەلەستىنلىكلەر ئارا بىرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. مەشئەل پەلەستىننى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان باش مىنىستىر يىلدىرىمغا ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر