ئالا: ئاللاھنىڭ ئىزنى، سىلەرنىڭ ئىرادەڭلار، بىزنىڭ قابىلىيىتىمىز بىلەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىمىز

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا تېرورنى ۋە تېررورچىلارنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.

516455
ئالا: ئاللاھنىڭ ئىزنى، سىلەرنىڭ ئىرادەڭلار، بىزنىڭ قابىلىيىتىمىز بىلەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا تېررورنى قوللىغۇچىلارغا خىتاب قىلىپ، «ئوت بىلەن ئويناشماڭلار. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئادەمدەك پوزىتسىيە بىلدۈرمىسەڭلار، تەدبىر قوللانمىساڭلار، بۇ ئوت سىلەرنىمۇ كۆيدۈرىدۇ» دېدى.

بۇرسادا ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان بىر ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلغان ئالا، «بۇ تېررور بالاسىنى ئاللاھنىڭ ئىزنى، سىلەرنىڭ ئىرادەڭلار، بىزنىڭ قابىلىيىتىمىز بىلەن تۈركىيەنىڭ پۇتىغا چىدەل بولۇشتىن چىقىرىپ تارىخنىڭ ئەخلەق ساندۇقىغا تاشلايمىز» دېدى. ئۇ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدىكى بىرلىك – باراۋەرلىك بىلەن قانداق ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ گۇماشتىسىغا ئايلانغان تەشكىلاتلارنى تۈركىيەنىڭ يولىنى توراش ئۈچۈن ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«ئۇ گۇماشتىلارغا ئەمەس، ئارقىسىدىكى خوجايىنلىرىغا خىتاب قىلىمەن» دېگەن ئالا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېررورنى قوللاپ، ئۇنىڭغا قارشى روشەن پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن تەقدىردە، بۇ بالانىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر