«تۈركىيە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سەركەردىسى»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ سەركەردىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

515703
«تۈركىيە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سەركەردىسى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرتۇلمۇش ئوردۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت – سەنئەت جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان سۆزىدە، رامىزاننىڭ پەقەت تەربىيە بىلەن سەۋر – تاقەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىش، پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ ۋە يېرىم يولدا قالغان مۇساپىرلارنىڭ ھالىغا يېتىشنىلا ئەمەس، ئەكسىچە ئىنساننى پۈتكۈل قىممەت ئۆلچەملىرى بىلەن قايتىدىن خاتىرىلىتىدىغان ۋە نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلەرنى ئۆگىتىدىغان مۇھىم ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، نۆۋەتتە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇرۇنقىدەك شانلىق، شەرەپلىك ۋە قۇدرەتلىك دەۋرلىرىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىسلام دۇنياسى بىر تەرەپتىن ئىچكى توقۇنۇشلارنى باشتىن كەچۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ھەممە ياقتا بومبىلار پارتلاش، ئىنسانلار ئۆلۈش، شەھەرلەر، دۆلەتلەر ئىشغال قىلىنىش، قىسقىسى ئىسلام دۇنياسى ئىچكى توقۇنۇشلار ئارقىلىق ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشتەك ئۆزگىرىشلەرنى، ئاچارچىلىق، قەھەتچىلىك، جاھالەت ۋە چارىسىزلىك قاتارلىق قىيىن ئۆتكەللەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەللەردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئىلىم – ھېكمەت ۋە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىشقا، تېخىمۇ كۆپ  تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ سەركەردىسى بولغان تۈركىيەگە قارشى سۈيىقەستلىك ئويۇنلار ئوينىلىۋاتىدۇ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانداق پارچىلىنىپ كەتكەنلىكى ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يىمىرىلگەندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەت قەددىرىنى رۇسلىيالماي، كۈچسىز بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشسىز قېلىپ، دەرد - ئەلەم دېڭىزىغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق. تۈركىيەنىڭ قەددىنى رۇسلىشى ۋە قۇدرەت تېپىشى دېمەك، ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى دېمەكتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر