باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەققىدە دوكلات سۇندى

باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوماندانلار بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق دۆلەت رەھبەرلىرىگە دوكلات سۇندى.

515369
باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەققىدە دوكلات سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلار كېڭىشى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يەنە بىر قېتىم جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا يىغىن چاقىردى. باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاقارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوماندانلار بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرى توغرۇلۇق دۆلەت رەھبەرلىرىگە دوكلات سۇندى. جۈملىدىن تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ھەققىدە خەرىتىلەر ئارقىلىق تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ھەربىي ھەرىكەتلەر تاماملانغان جايلارنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش باسقۇچى توغرىلىقمۇ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىقلار دوكلات سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر