ئەردوغان: تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تېررورىستلار ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە تېررورىستلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ تاكى مۇقىملىق، ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك ئىشقا ئاشقانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

513423
ئەردوغان: تېررورىزمغا قارشى كۈرەش تېررورىستلار ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىستانبۇل خەلىج يىغىن زالىدا بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە قاتناشتى، زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە تېررورىستلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى تاكى مۇقىملىق، ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك ئىشقا ئاشقانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. ئىرادىمىز قەتئىي بولۇپ، چوقۇم غەلىبە قىلىمىز. بۇ ئارىلىقتا، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتى توغرىلىقمۇ توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدىكەنمىز، قەددىمىزنى رۇسلاپ، قېرىنداشلىق رىشتىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەنمىز، مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىكەنمىز، تېررورىزمنى چوقۇم ئۈزۈل - كېسىل يوقىتالايمىز. ئۇنداق قىلمايدىكەنمىز، دۈشمەنلىرىمىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىمۇ، باشقا جايلارغىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ باشقا ھېچقانداق چىقىش يولى قالمىدى. بىز تېررورىستلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىت - چىت قىلىۋېتىدىغانلىقىنىمىزنى ئېيتقانىدۇق، ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلدۇق، پاراللېل دۆلەت تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىسىغىمۇ كىردۇق، قالغان ئۇۋىلىرىغىمۇ كىرىمىز، كىمنىڭ، قەيەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەنە كىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر