ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ۋاپاتىنىڭ 51 – يىلىدا مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىمنى ئۇنتۇمىدى

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم: «ئەۋلاتلىرىمىز ئۆز ئەجداتلىرىنى، بولۇپمۇ ۋەتەن - مىللەت ئۈچۈن  ئۇلۇغۋار ئىزلارنى قالدۇرغان قەھرىمان مۇجاھىتلىرىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقى لازىم.» دېدى.

511642
ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ۋاپاتىنىڭ 51 – يىلىدا مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىمنى ئۇنتۇمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىمنى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 51 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن قەبرىسى بېشىدا خاتىرىلىدى.


 

«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»گە قاراشلىق 30 كىشىلىك ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى، قازان ناھىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن  ئۇيغۇر كېچىلىكى ئىپتار زىياپىتى پىروگراممىسىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن تارىخچى، يازغۇچى ۋە ئىنقىلاپچى مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىمنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسى، مۇھەممەد ئەمىن ھەزرىتىمنىڭ قەبرىسى بېشىدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىپ، روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ زىيارەتنىڭ تولىمۇ مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ: «ئەۋلاتلىرىمىز ئۆز ئەجداتلىرىنى بولۇپمۇ ۋەتەن - مىللەت ئۈچۈن  ئۇلۇغۋار ئىزلارنى قالدۇرغان قەھرىمان مۇجاھىتلىرىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقى لازىم. ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ياشلىرىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماستىن، ئۇلۇغ رەھبىرىنى  ۋاپاتىنىڭ 51 – يىلىدا قەبرىسى بېشىدا خاتىرلىگەنلىكى، چىن ۋاپادارلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ئۈلگە بولغۇسى ئىنشائاللاھ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر