تۈركىيە ئارمىيەسى يەنە نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى دائېشنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ 5 دائېشچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

510297
تۈركىيە ئارمىيەسى يەنە نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى بازىلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، 5 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارمۇ دائېش بازىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ دائېشقا تەۋە 2 ئاپتوموبىل، 8 بىنا ۋە 1 مۇداپىئە بازىسىنى ۋەيران قىلدى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك پاناھلىۋاتقان ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كاندىل ۋە ھاكۈرك رايونلىرىنىمۇ بومباردىمان قىلدى.

ھەربىي ھەرىكەتتە نۇرغۇن بازا ۋەيران قىلىندى.

ھاككارىنىڭ شەىمدىنلى ناھىيەسىگە قاراشلىق مىرگېساۋ يېزىسىغا  ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتىمۇ پ ك ك بازىلىرى ۋەيران قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر