ئەردوغان شېھىت يېقىنلىرى ۋە غازىلارغا ئىپتار بەردى

ئەردوغان «يۈز يىل ئىلگىرى دۈشمەنلەر قانداقسىگە كەلگەن پېتى تىكىۋېتىشكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى بىزگە سالماقچى بولغانلار ۋە ئۇلارنى قوربانلىق ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلار يەنە بىر قېتىم بۇرنىغا يەيدۇ» دېدى.

506373
ئەردوغان شېھىت يېقىنلىرى ۋە غازىلارغا ئىپتار بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتقىچە كۈرەشنىڭ توختاۋسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسىلىك كۈللىيەسىدە شېھىت يېقىنلىرى ۋە غازىلارغا ئىپتار زىياپىتى بەردى.

20 – ئىيۇلدىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 7600 ئەزاسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى، مۆكۈنۈۋالىدىغان كامارلىرى، ئۆڭكۈرلىرى ۋە پاناھ جايلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىنى شۇنداقلا يوق قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، تېررورلۇق مەسلىسى دۆلىتىمىزنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي چۈشكەنگە قەدەر كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنىڭ بىر ماۋجۇدىيەت كۈرىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.  

ئەردوغان تېررورچىلارنىڭ چەت ئەللەردىكى قوللىغۇچىلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «يۈز يىل ئىلگىرى نەچچە مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلاردىن ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيەسىنى چاناققەلئەگە باستۇرۇپ كەلتۈرگەن سەۋەب نېمە بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىكى تۈركىيەگە قارشى تېررورچىلارنى بىر سەپكە جەم قىلغان سەۋەب ئوخشاش. ئەينى چاغدا ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىشنىڭ چۈشىنى كۆرۈپ يۈرگەنلەر ۋە 450 يىل ساقلىغاندىن كېيىن باستۇرۇپ كەلگەنلەر، مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئوخشاش نىشانغا پىچكا ئورنىدا ئىشلەتمەكچى بولماقتا.  ئەھلى سەلىپ يۈرۈشلىرى ۋە موڭغۇل ئىستىلاسى ئارقىلىقمۇ ئىشقا ئاشماي، يېرىم قىلغان ئىشلىرىنى ئەمدىلىكتە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلىشماقتا. باشقا ئىدېئولوگىيەلىك ئوخشىماسلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ تۇرايلى، بۇ قانخور، قوراللىق تېررورىزىم تەشكىلاتلىرىنى ئوخشاش نىشان ئاستىدا بىرلەشتۈرگەن سەۋەب دەل مانا مۇشۇدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىدە، «يۈز يىل ئىلگىرى دۈشمەنلەر قانداقسىگە كەلگەن پېتى تىكىۋېتىشكەن بولسا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى بىزگە سالماقچى بولغانلار ۋە ئۇلارنى قوربانلىق ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقانلار يەنە بىر قېتىم بۇرنىغا يەيدۇ» دېدى.  

شېھىتلىك مەرتىۋىسىنىڭ ئىنتايىن يۈكسەك ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، «يەرلىكىگە قويۇلغان ھەر بىر شېھىتىمىز ۋە غازىلىك مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن ھەر بىر قېرىندىشىمىز، دۆلەت ۋە مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەۋجۇتلۇقىمىز، بىرلىكىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنىڭ گويا تەستىق تامغىسى ياكى قۇلۇپىنىڭ ئاچقۇچىغا ئوخشايدۇ» دېدى.

ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان تېررورچىلارنىڭ ئادەم بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «قۇرئان كىرىم بۇ خىل كىشىلەرنى ‹بەل ھۇم ئەزال› يەنى ‹ھايۋاندىنمۇ تۆۋەن تۇرىدىغان› دەپ تەرىپلەيدۇ» دېدى.

ئەردوغان سۆزىدە يەنە، ھۇجۇمدىن كېيىنكى تەمكىنلىكنىڭ تەسلىمىيەتنىڭ ئەمەس، قەتئىي ئىرادىنىڭ ئىپادىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر