نۇمان قۇرتۇلمۇش: ئەمدى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىش نۆۋىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا

نۇمان قۇرتۇلمۇش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كونكېرت، روشەن ۋە ئۇچۇق - ئاشكارا ھەرىكەت قىلىشىنى شۇنداقلا بۇنچە كۆپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

505506
نۇمان قۇرتۇلمۇش: ئەمدى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىش نۆۋىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچى ۋە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئەمدى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىش نۆۋىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا دۇر» دېدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش چانكايا سارىيىدا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىنىسىتىرلار كابېنتى يىغىنى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ئاخباراتچىلارغا بايانات بەردى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچى ۋە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كونكېرت، روشەن ۋە ئۇچۇق - ئاشكارا ھەرىكەت قىلىشىنى شۇنداقلا بۇنچە كۆپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياۋروپا بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەرنىڭ تولىمۇ جىددىي بىر مۇزاكىرە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن نۇمان قۇرتۇلمۇش: «مۇزاكىرىلەرنىڭ ھېچ بىر بېتىدە ۋە ھېچبىر كۈنىدە تۈركىيە ھېچبىر جۈملىنى  مۇنداقلا «گەپ بولسۇن» دەپ قىلىپ قويغىنى يوق. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قىلىنغان سۆزلەر ۋە بېرىلگەن ھېچبىر ۋەدىلەر بېكارغا بېرىلگەن ئەمەس، دەپ قارايمىز.  شۇڭلاشقا بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېگىشىلىك ۋەزىپىمىزنى سەمىمىيلىك بىلەن ئورۇندىدۇق. تەنىجىدە تۈركىيە  ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇزاكىرىلەرنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋالامشتۇرماقتا. بىز ئەمدى نەتىجىسىنى ھاسىل قىلىشنى خالايمىز» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچىدە تۈركىيەگە قارشى سىياسەتلەرنى تەرەققىي قىلدۈرۈشنى خالايدىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ،  «بىز ئۆتكۈزگەن مۇزاكىرە جىددىي بىر مۇزاكىرىدۇر. نە تۈركىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىنىڭ تېمىسى ئەمەس، نە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى سىياستىنىڭ تېمىسى ئەمەس» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش باياناتىدا شەرقىي جەنۇپتىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بەزى شەھەرلەرنىڭ يۆتكىلىدىغانلىقىغا دائىر سۆزلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىدە يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئاساسلىق بىر قىسمى شەھەرلەردە ئاخىرلاشتى.  باشقا جايلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلەر بولسا، تېررورلۇق تەشكلاتلىرى تۈركىيەگە ھېچ قانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈلگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر