ئىستلانبۇلدا ئافغانىستان خەلقئارا ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
يىغىنغا ئافغانىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن باشقا يەنە 50 كە يېقىن دۆلەتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىيۇكراتلار ۋە ۋەكىللەر قاتنىشىدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستلانبۇل ئەتە 5 – ئىيۇندا 2 – نۆۋەتلىك ئافغانىستان خەلقئارا ئالاقە گۇرۇپپىسى يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ.
پولشانىڭ پايتەختى ۋارشوۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ۋە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئافغانىستان كونفېرانسىدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان ئىستانبۇلدىكى يىغىندا ئافغانىستاننىڭ يېڭى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
يىغىنغا ئافغانىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن باشقا يەنە 50 كە يېقىن دۆلەتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك بىيۇكراتلار ۋە ۋەكىللەر قاتنىشىدۇ.
ئىستانبۇلدىكى 1 – نۆۋەتلىك يىغىن 2012 – ئۆتكۈزلگەن بولۇپ، ئافغانىستان خەلقئارا ئالاقە گۇرۇپىسى ئافغانىستاننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن خەۋپسىزلىك قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەر بويىچە خىزمەت قىلماقتا.