پ ك ك نىڭ شىمالىي ئىراقتىكى نۇقتىلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ شىمالىي ئىراقتىكى نۇقتىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقى، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى دائېش نۇقتىلىرىنى بولسا ئۇزۇن مۇساپىلىق ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

500223
پ ك ك نىڭ شىمالىي ئىراقتىكى نۇقتىلىرى پاچاقلاپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نۇقتىلىرىنى ھاۋادىن ، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە بولسا، دائېش نۇقتىلىرىنى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھەلەبنىڭ شىمالىدا يېڭىدىن بايقالغان 58 نۇقتىسىغا ئۇزۇن مۇساپىلىق رېكىتامىيوتلار ۋە تانكىلار بىلەن قىلنغان بومباردىماندا، دەسلەپكى مەمۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 28 تېررورىست ئۆلگەن. تېررورىستلارنىڭ پارتلىغۇچى ماددا قاچىلانغان ئىككى ئاپتوموبىلى پاچاقلاپ تاشلانغان.

تۈنۈگۈن (29 – ماي) تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى شىمالىي ئىراقتىكى مەتىنا رايونىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ بەش نۇقتىسىنى بىتچىت قىلدى.

قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغان ئايروپىلانلارنىڭ بازىغا بىخەتەر ھالدا قايتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر