گاتا ھەربىي دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

گۈلخانە ھەربىي دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغان بىر ئەسكەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولۇپ كەتتى.

495765
گاتا ھەربىي دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىرناقتا داۋاملىشىۋاتقان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدا يارىلانغاندىن كېيىن ئەنقەرە گۈلخانە ھەربىي دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغان بىر ئەسكەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولۇپ كەتتى.

باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تور بېتىدە ئۇچۇر تارقىتىپ، 12 – مايدا شىرناقتىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئېغىر يارىلانغان مەزكۇر ئەسكەر داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بۈگۈن كېچە شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچۇردا، شېھىتقا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەندى. ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى، يېقىن – يۇرۇقلىرى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەزىيە بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر