İHH ھەيئىتى پاكىستانغا بېرىپ، قىز يېتىم - يېسىلارنى يوقلىدى

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى ـ İHH- ئىنسانى ياردەم فوندىنىڭ 18 نەپەر خادىمى ‹پاكىستان يېتىم – يېسىرلار كۈنى› مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستاندا ھەر خىل زىيارەتلەرنى ئىشقا ئاشۇردى.

495298
İHH ھەيئىتى پاكىستانغا بېرىپ، قىز يېتىم - يېسىلارنى يوقلىدى
ihh pakistan sargodha'da.jpg
ihh ekibi pakistan sargodha'da.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى ـ İHH- ئىنسانى ياردەم فوندى خادىملىرى ۋە ھەمرالىقىدىكلەر 2013 – يېلى سېلىنغان يېتىم – يېسىر قىزلار ياتاقلىق مەكتىپىنى ئېكسۇرسىيە قىلدى؛ «يېتىملار كۈلسە، دۇنيا كۈلىدۇ» ناملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە سارگودا ئۆلكىسىدىكى سارگودا خۇبەيب يېتىم قىزلار ياتاقلىق مەكتىپىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ساكاريا مۇپتىسى ئىلياس سەرەنلى، ساكاريا ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى مەۋلۈت كۇنتئوغلۇ بىلەن ساكاريا، ئىستانبۇل، ئوردۇ، قەيسەرى ۋە ئۇشاقتىن كەلگەن پىداكار خىزمەتچىلەر ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن گۈل – چېچەكلەر بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

ئىنسان ھەق ۋە ھۆررىيەتلىرى ئىنسانپەرۋەر ياردەم فوندى خادىملىرىنى قارشى ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل نومۇرلارنى ئورۇندىدى. ھەيئەت ۋە ھەمرالىقىدىكىلەر بالىلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر