تۈركىيە ئارمىيەسى  پ ك ك نىڭ ئۇۋىسىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۇۋىسى بولغان قەندىل تېغىنى بومباردىمان قىلدى.

494233
تۈركىيە ئارمىيەسى  پ ك ك نىڭ ئۇۋىسىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى 2016 – يىلى 19 – ماي كۈنى قولغا چۈشكەن ئاخباراتقا ئاساسەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇۋىسى بولغان قەندىل تېغىنى F16 ۋە F4 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق بومباردىمان قىلغان، تەخمىنەن 45 مىنۇت داۋاملاشقان بومباردىمان نەتىجىسىدە رايوندا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئالدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى، پاناھجايلىرى ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ ئاستىدىكى دەم ئېلىش ساھەلىرى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن. ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن بىخەتەر  ھالدا بازىسىغا قايتقان.

يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئەترەتلىرىنىڭ گازىئانتەپتە بىر ئۆينى ئاختۇرۇشى جەريانىدا دائېشنىڭ ئاتالمىش تۈركىيە مەسئۇلى يۇنۇس دۇرماز ئىسىملىك بىر تېررورىست ئۈستىگە تېڭىۋالغان پارتلاتقۇچنى پارتلاتقان. ئاختۇرۇپ تۇرۇش جەريانىدا بىر تېررورىست تىرىك قولغا چۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر