دۇنيا بۇغداي سودىسىدا تۈركىيەنىڭ كېلەچىكى پارلاق بولىدۇ

خەلقئارا ئاشلىق-زىرائەت كېڭىشى دۇنيا بۇغداي سودىسىدا تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

492639
دۇنيا بۇغداي سودىسىدا تۈركىيەنىڭ كېلەچىكى پارلاق بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ئاشلىق-زىرائەت كېڭىشىنىڭ دۇنيادىكى ئاشلىق ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتقا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ 2016-يىلى ئىيۇلدىن 2017-يىلى ئىيۇنغىچە 38 مىليون 600 توننا تەخمىن قىلىنغان دۇنيا مەكىرونى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كانادادىن قالسا ئۈچىنچى قاتاردىن ئورۇن ئېلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 
ئوكان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنژىنىرلىق ۋە بىناكارلىق پاكۇلتېتى يېمەك-ئىچمەك ئىنژىنىرلىق بۆلۈمى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ھىكمەت بوياجىئوغلۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا ئاشلىق-زىرائەت كېڭىشى بۇلتۇر 34 مىليون 500 مىڭ توننا مەكىرونى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى، بۇ يىل ساننىڭ 39 مىليون 300مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. 
كېڭەشنىڭ تەخمىنلىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە 2017-يىلى 3 مىليون 500 مىڭ توننا مەكىرونى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىپ، ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە كانادادىن قالسا ئۈچىنچى قاتارغا ئۆتىدىكەن. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر