«پ ك ك غا قارشى كۈرەش قەتئىي داۋاملىشىدۇ»
تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار تېررورلۇقنىڭ دۇنياغا كەڭ يېيىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 10 – نۆۋەتلىك بالقان دۆلەتلىرى باش ئىشتاب باشلىقلىرى كونفېرانسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ: «ھېچقانداق قانۇنلۇق سەۋەبى بولمىغان تېررورلۇققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز لازىم» دېدى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ پ ي د ياكى ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر – بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئالاقىلىرىنىڭ ئوپئوچۇق ئوتتۇرىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سىرتتىن ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاساسسىز ۋە خاتا مەلۇماتلار بىلەن تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «پ ك ك بىر تەرەپتىن بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا جەمئىيەتتە قانۇنىي سالاھىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇتۈركىيەنىڭ 2013 – يىلى دائېشنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاتىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدىن تارتىپ مەزكۇر تەشكىلاتقا «تېررورلۇق تەشكىلاتى» سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:
« تۈركىيە ئارمىيەسى بۈگۈنگىچە سۈرىيە بىلەن ئىراقتا 1300 دائېشچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، نۇرغۇنلىغان قورال – ياراغ ئىسكىلاتلىرى، راكېتامىيوت ۋە بازىلارنى بىتچىت قىلدى.»