غازىئانتەپ ھۇجۇمى دائىرىسىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر نازارەتكە ئېلىندى

غازىئانتەپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 2 ساقچى شېھىت بولدى، 22 كىشى يارىلاندى.

482027
غازىئانتەپ ھۇجۇمى دائىرىسىدە بىر تۈركۈم كىشىلەر نازارەتكە ئېلىندى
gaziantep saldırı 4.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىئانتەپ ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 2 ساقچىنىڭ شېھىت بولۇشى، 4 نەپىرى پۇقرا، 18 نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 22 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يارىدارلار دوختۇرخانىلاردا داۋالانماقتا. 

غازىئانتەپ ۋالىيسى ئالى يەرلىكايا ساقچى ئىدارىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا ئەتىگەن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمنىڭ ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەق مەيدان تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋەقە ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ جەرياندا، تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن شەھەردىكى بىر ئۆيدىن ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى كىشىلەر نازارەت ئاستىغا ئېلىندى. ئۆيدىكى ئاختۇرۇش جەريانىدا بىر ئوۋ مىلتىقى قولغا چۈشۈرۈلدى. گۇماندارلار سوراق قىلىنىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غازىئانتەپتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئالاقىدار كىشىلەردىن مەلۇمات ئىگىلىدى ۋە پارتلاشتا شېھىت بولۇپ كەتكەن ساقچىلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىدار ساقچى ۋە پۇقرالارغا تېز شىپالىق تېلىدى.

باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇمۇ غازىئانتەپ ۋە نۇسايبىندا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىتلەرگە رەھمەت تىلىدى، تېررورىزمنى ئەيىبلىدى.

باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ غازىئانتەپتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا توختىلىپ، «قاتتىق تەكشۈرۈلمەكتە. بەزى مۇھىم ئۇچۇرلارغا ئېرىشىلدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز، ۋالىيلىق مەھكىمىمىز كېرەكلىك باياناتنى ئېلان قىلىدۇ» دېدى.
داۋۇتئوغلۇ تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ بۇ مىللەتنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر