سۈرىيە تەرەپتىن كىلىسكە راكېتامىيوت ئېتىلدى

ۈگۈن كەچتە سۈرىيە تەرەپتىن ئېتىلغان ئىككى راكېتامىيوت ئوقى تۈركىيەنىڭ كىلىس شەھىرىگە چۈشۈپ ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلدى.

476743
سۈرىيە تەرەپتىن كىلىسكە راكېتامىيوت ئېتىلدى
kilis roket.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن كەچتە سۈرىيە تەرەپتىن ئېتىلغان ئىككى راكېتامىيوت ئوقى تۈركىيەنىڭ كىلىس شەھىرىگە چۈشۈپ ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 4 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

راكېتامىيوت ئوقلىرىنىڭ بىرى كونا سانائەت رايونىدىكى بىر ئىش ئورنىنىڭ ئالدىغا چۈشتى؛ ئەتراپقا چاچرىغان راكېتامىيوت پارچىلىرى ئىش ئورنىغا زىيان يەتكۈزدى.

ئوقلارنىڭ يەنە بىرى بوش يەرگە چۈشتى. چېگرادىكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئۇرۇش پەيتى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئوق ئېتىلغان جايغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىنكاس قايتۇردى.

تۈنۈگۈن چۈش پەيتىدىمۇ كىلىس شەھىرىگە ئىككى دانە راكېتامىيوت ئوقى چۈشكەن بولسىمۇ، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنىدى.

مۇناسىۋەتلىك دائىلىرىلەر بۇ خىل ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋىلايەت تەۋەلىكىدە 30 كۈن بويىچە يىغىلىش ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر