جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۇنيا ئۆسمۈرلىرىنى قوبۇل قىلدى

TRT تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 38 – نۆۋەتلىك بالىلار بايرىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئونلارچە دۆلەتتىن تۈركىيەگە كەلگەن ئۆسمۈرلەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوبۇل قىلىندى.

475113
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۇنيا ئۆسمۈرلىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان بالىلارنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان سۆزىدە، دۇنيادا بالىلارغا ھەدىيە قىلىنغان بىردىن - بىر مىللىي بايرام بولغان 23 – ئاپرېل خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۆسمۈرلەر بىلەن بىرلىكتە تەبرىكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بالىلار بولمىغان بىر دۇنيانىڭ نە قەدەر قۇرۇق، نە قەدەر جانسىز ۋە نە قەدەر مەنىسىز بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمەن. سىز ئۆسمۈرلەر نام – شۆھرەتسىز، رىياسىز ۋە يالغانسىز سۆيگۈنىڭ دەل ئۆزى بولىسىلەر. ئەڭ پاك، ئەڭ ساپ ۋە ئەڭ چوڭقۇر سۆيگۈنى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلاردىن، يۈزلىرىڭلاردىن ۋە نازۇك قوللىرىڭلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»

23 – ئاپرېلنىڭ تۈرك تارىخى جەھەتتىنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان 1920 – يىلى 23 – ئاپرېل كۈنى ئەنقەرەدە توپلانغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئىستىقلال ئۇرۇشى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇ ئۇرۇشنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى، شۇڭا بۇ مۇھىم كۈننىڭ پۈتكۈل دۇنيا بالىلىرىغا ھەدىيە قىلىنغانلىقىنى، خۇددى بىر بالىنىڭ تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ يېتىلگىنىگە ئوخشاش، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ بۇ يىل 93 ياشقا كىرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر