تېررورچىلار ساقچىلار ئائىلىلىكلەر قورۇسىنى ئوققا تۇتتى

تېررورچىلارنىڭ ماردىننىڭ دەرىك ناھىيەسىدىكى ساقچىلار ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ئوق چىقاردى.

468056
تېررورچىلار ساقچىلار ئائىلىلىكلەر قورۇسىنى ئوققا تۇتتى
terör.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورچىلارنىڭ ماردىننىڭ دەرىك ناھىيەسىدىكى ساقچىلار ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ساقچى شېھىت بولدى، ئەتراپتىكى بىر كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تېررورچىلار دەرىك ناھىيەسىنىڭ باھچەلىئەۋلەر مەھەللىسىدىكى ساقچىلار ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا ئۇزۇن مۇساپىلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، بىر ساقچى بىلەن ئەتراپتىكى بىر كىشىنى يارىلاندۇرغان. يارىدارلار دەرىك دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىنغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان.

بۇ جەرياندا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ماردىننىڭ نۇسايبىن ناھىيەسىدىكى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇپلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرى 900 دىن ئارتۇق كىشىنى ھەربىي ھەرىكەت رايونىدىن تارقاقلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر