قۇرتۇلمۇش: بۇنچە قورال، بۇنچە ئۇچۇر ئۇلارغا قەيەردىن كەلدى؟!

باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

461777
قۇرتۇلمۇش: بۇنچە قورال، بۇنچە ئۇچۇر ئۇلارغا قەيەردىن كەلدى؟!
numan kurtulmuş.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ياردەمچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم شەھەر ئۇرۇشىغا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «(تېررورچىلارنىڭ) كوبانى ۋە شىمالىي سۈرىيەدە مەشىق قىلىش ئارقىلىق كەسپىيلەشكەنلىكى كۆرۈلمەكتە» دېدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خالىغان قوللارغا ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن توپلانغان كىشىلەر بۇنداق چوڭ قوراللارنى قەيەردىن تاپتى؟! بۇلار ئەسلىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تۇرمۇشىنى قامداش قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر. بۇلارنىڭ قولىغا ئون مىڭلارچە، يۈز مىڭلارچە دوللارلىق قوراللارنى كىملەر بەردى؟ قانداق بەردى؟ بىرىنىڭ بېلگىيە ئايرودورۇمىدىكى تەكشۈرۈشتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئۇ يەردە بومبا پارتلىتىشى دېگەنلىك، ئۇلارنىڭ بېلگىيە دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىدىنمۇ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمەك، ئۈچ – بەش ئادەمدىن تەركىپ تاپقان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇنداق بىر مەلۇماتقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىغا قارىغاندا، باشقا بىرلىرى بۇ يەردىكى ھۇجۇمنى، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىكى ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنى ناھايىتى مۇھىم دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى، ئارقا سەپ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنداق قارىغىنىمىزدا، بارلىق تەرەپلەر سەمىمىي بولۇشى كېرەك. قوش ئۆلچەم قوللىنىش نۆۋەتتە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قوبۇل قىلالمايدىغان بىر ئىشتۇر.»

نۇمان قۇرتۇلمۇش بىر – بىرىنى پەقەتلا تونۇمايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ، ھەتتا بىر – بىرىنى پەقەتلا تونۇمايدىغان كىشىلەرنىڭمۇ بۇ خىل تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە بىر يەرگە جەم بولۇشىنىڭ، ھەتتا ئىدىئولوگىيە جەھەتتە بىر – بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشىنىڭ دىققەتنى تارتىدىغان بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باش مىنىستىر ياردەمچىسى قۇرتۇلمۇش، جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ خەلقىنىڭ تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشتا مۇھىم بىر نۇقتا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، تېررورچىلار بىلەن پۇقرالارنى پەرقلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قۇرتۇلمۇش، «بىز مەسىلىگە پەقەت خەۋپسىزلىك نۇقتىسىدىنلا قارىمايمىز. جىزرەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، جىزرە خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قوللىماقتا» دېدى.

رايون ئاھالىسىنىڭ %80 ىدىن كۆپرەكىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان قۇرتۇلمۇش، زىيانغا ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى تاماملانغۇچە ھېچبىر پۇقرانىڭ چىقىمغا ئۇچرىتىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر