قۇرتۇلمۇش:ھەرئىككى دۆلەت بىر – بىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىش ھالىتىدە بولغان ئىككى دۆلەت ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ: «ھەرئىككى دۆلەت بىر - بىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ» دېدى.

460818
قۇرتۇلمۇش:ھەرئىككى دۆلەت بىر – بىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇمان قۇرتۇلمۇش دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ بىر رۇسىيە ھەيئىتىنىڭ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «2015 – يىلى 24 – نويابىر تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيە ئايروپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتى، شۇنداقتىمۇ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. رۇسىيەمۇ تۈركىيەنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ، تۈركىيەمۇ رۇسىيەنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىر – بىرى بىلەن يېقىن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا رىقابەت مۇناسىۋىتى بولغان، ئەمما نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ھەمكارلىق ھالىتىدە؛ ئىقتىسادىي ساھەدە بولسا، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئىككى دۆلەت ھەر قانداق كىرىزىسنى باھانە قىلىپ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. بىز بۇ نۇقتىنى باشتىن تارتىپلا تەكىتلەپ كەلدۇق، ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق» دېدى.

ئۈچ كىشىلىك رۇسىيە ھەيئىتى «ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تۈركىيەگە كېلىدۇ. رۇسىيە ھەيئىتى 30 – مارتقىچە زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئىزمىر فوچادىكى دېڭىز ئارمىيە پىيادە بىرىگادىسىدا تەكشۈرۈشلەردە بولىدۇ. ھەيئەتكە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى قوراللارنى كونترول قىلىش ئىدارسىنىڭ ئۈچ نەپەر ئوفىتسېرى ھەمراھ بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر