ئەردوغان: بېلگىيە ھۇجۇمچىلىرىنىڭ بىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانىدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بىريۇسسېلدىكى تېررورلۇق ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىلاردىن بىرىنى ئىيۇن ئېيىدا چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

457199
ئەردوغان: بېلگىيە ھۇجۇمچىلىرىنىڭ بىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانىدۇق
ERDOĞAN BELÇİKALI TERÖRİST.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بىريۇسسېلدىكى تېررورلۇق ۋەقەسىنى سادىر قىلغۇچىلاردىن بىرىنى ئىيۇن ئېيىدا چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ كىشى توغرىسىدا بېلگىيەلىك مەسئۇللارنى ئاگاھلاندۇردۇق، لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭ تېررورىزم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلىيالمىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان رۇمېنىيە پىرېزىدېنتى كلائۇس ئىئوھاننېس بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، بىريۇسسېلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا توختالغان ئەردوغان، «بىريۇسسېلدىكى ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى بىز 2015 – يىلى ئىيۇندا غازىئانتەپتە قولغا چۈشۈرۈپ چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان كىشىدۇر. چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئۇچۇرىنى 2015- يىلى 14 – ئىيۇلدا بىر پارچە ئىزاھات مەكتۇپى بىلەن بىرلىكتە بېلگىيە ئەلچىخانىسىغا مەلۇم قىلدۇق. بېلگىيەلىكلەر مەزكۇر كىشىنى قويۇپ بەردى. بۇ كىشىنىڭ چەت ئەللىك غازاتچى ئىكەنلىكىگە دائىر ئاگاھلاندۇرۇشىمىزغا قارىماي، بېلگىيە ئۇنىڭ تېررورىزم بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئىسپاتلىيالمىدى. ھەتتا، ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىستىكىگە ئاساسەن گوللاندىيەگە قايتۇرۇپ بەردۇق. ئىزاھات مەكتۇپى ئارقىلىق گوللاندىيەگىمۇ ئۇچۇر بەردۇق. دۆلىتىمىزنىڭ سەزگۈرلۈكى نۇقتىسىدىن بۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىۋاتىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بىريۇسسېلدىكى ھۇجۇمدىن كېيىن بايراقلىرىنى يېرىم چۈشۈرگەن بەزى دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەقەلەرگە بۇ دەرىجىدە سەزگۈر قارىمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەردوغان، تېررورىزمغا قارشى ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈلىدىغان بولسا، بۇنىڭ پالانى دۆلەتتە بولسا باشقا، پۇكۇنى دۆلەتتە بولسا باشقا بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «بۇ خەلقئارالىق كېلىشىشنى تەقەززا قىلىدىغان بىر مەسىلە. يەنى پىرىنسىپ مەسىلىسىدۇر. تۈركىيەدە يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ خىل ۋەقەلەردە يۈزلەرچە كىشىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. باشقا جايلاردا دۇنيانى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرگەنلەر، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرگە نىسبەتەن بۇنچىلىك سەزگۈر مۇئامىلە قىلالمىدى. ھەتتا نۆۋەتتە (شەرقىي جەنۇبتا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى) ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا باشقىچە نەسىھەتلەرنى قىلماقچى بولغانلار چىقتى. تېررورلۇق بار بولغان بۇ دۆلەتلەردە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بولماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر بۇ خىل زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.»

دۇنيا سىياسىتى ئىتتىپاقلاشقان ھالەتتە ھەرىكەت قىلغان تەقدىردە تېررورنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا تېررورغا، تېررورچىغا ۋە تېررورىزمغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ جەريانىدا بېلگىيە دائىرىلىرى تۈركىيە چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان تېررورچى توغرىسىدا بايانات بەردى؛ بېلگىيە ئەدلىيە مىنىستىرى كۇن ھېينس VRT تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، ئىبراھىم ئەلبەقراۋىنىڭ تۈركىيەدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ گوللاندىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە تېررورىزم بىلەن ئالاقىسى يوق بىر جىنايەت تۈپەيلى تۈرمىدە يېتىپ چىققان بەقراۋىنىڭ شەرتلىك ھالەتتە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ تېررور بىلەن ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنىڭ ئىسپاتلانمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىشارەت قىلغان كىشىنىڭ بېلگىيەدە ئۈچىنچى گۇماندار سۈپىتىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىبراھىم ئەلبەقراۋى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر