دىيارباكىردا بىر ئەسكەر شېھىت بولۇپ كەتتى

دىيارباكىرنىڭ سۇر ناھىيەسىدىكى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئەسناسىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولۇپ كەتتى.

445789
دىيارباكىردا بىر ئەسكەر شېھىت بولۇپ كەتتى
terör.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكەرنىڭ دوختۇرلارنىڭ پۈتكۈل تىرىشچانلىقلىرى ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ دۆلەت مىقياسىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى ئۆزلۈكسىز داۋام قىلماقتا؛ ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى خادىملىرى بۈگۈن سەھەردە 4 ناھىيەدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 4 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر