«تۈركىيەگە دۈشمەن بولغۇچىنىڭ ئىستىقبالى يوق»

مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز تۈركىيەگە دۈشمەنلىك قىلغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈردى.

436680
«تۈركىيەگە دۈشمەن بولغۇچىنىڭ ئىستىقبالى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، تۈركىيەگە دۈشمەن بولغانلارنىڭ بۇ رايوندا ئىستىقبالىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى.

يىلماز سۈرىيە چېگرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ماردىن بىلەن شانلىئۇرفادىكى چېگرا ساقچى پونكىتلىرىنى زىيارەت قىلدى.

ت ر ت خەۋەر قانلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يىلماز سۈرىيە چېگرىسىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، 911 كىلومېتىرلىق چېگرىنىڭ تولۇق تىزگنىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

چېگرىدىكى بىخەتەرلىكنىڭ تام ۋە سىم توساقلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يىلماز، ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىلار بىلەن چېگرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمەت يىلماز ئەزىز رايونىغا ھۇجۇم قىلغان پ ي د مىلىتانلىرىغا سۈرىيەدىكى ياردەم كارىدورىنىڭ ئوچۇق تۇتۇلۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى. سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان يىلماز مۇنداق دېدى: «بۇ رايوندا تۈركىيەنى دوست تۇتقۇچىلار ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. ئەگەر دۈشمەن بولسا ئىستىقبالى يوقتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر