قۇرتۇلمۇش رۇسىيەنى ئەيىبلىدى، غەربكە چاقىرىق قىلدى
مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى ۋە بارلىق تەييارلىقلارنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش چانكايا سارىيىدا باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ رىياسەتچىلىكىدە مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بىر پەيتتە، مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ: «تۈركىيەنىڭ ئاخىرى ئېنىق بولمىغان ھەرقانداق ماجىرانىڭ ئىچىگە كىرىشىگە رازى بولمايمىز» دېدى.
ئۇ رۇسىيەنىڭ ھازىرغىچە سۈرىيەدە 5 مىڭدىن ئارتۇق ھاۋا بومباردىمانى قىلغانلىقىنى، بۇلاردىن %90 دىن ئارتۇقىنىڭ ئاھالىلەر رايونىغا ياكى مۆتىدىل ئەركىنلىك قىسىملىرىغا، پەقەت %10 نىڭ دائېش نۇقتىلىرىغا قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
«رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە قىلغان ھۇجۇملىرى خۇددىي قىرغىنچىلىق ۋە ئۇرۇش جىنايىتىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ۋە سۈرىيەدە تىنچلىقنى خالايدىغان پۈتكۈل تەرەپلەردىن رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئالدىدا جىمجىت قاراپ تۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز.»
ئۇ يەنە: «سۈرىيە چېگرالىرى تەۋەلىكىدىن پ ي د ۋە دائېش تەرىپىدىن تۈركىيەگە قىلىنغان ھۇجۇملار، ئېتىلغان ئوقلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇشى، تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ تېگىشلىك جاۋابى» دېدى.
ئۇ ئامېرىكا ۋە رۇسىيەگىمۇ چاقىرىق قىلدى. ئۇ: «ئەگەر، راستىنلا بىر تەرەپتىن شىۋېيتسارىيە ۋە گېرمانىيەدە تىنچلىق ئۈستىلى قويماقچى بولساڭلار، راستىنلا تىنچلىق ئۈستىلىدىن سەمىمىي ھالدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلساڭلار، ئۇنداق بولسا، ب د ت دا ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون ئېلان قىلىپ، ھېچبولمىغاندا ئۇرۇشنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ غەيرى جىنايەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تىنچلىق ئۈستىلىنى كۈچەيتىڭلار» دېدى.