تۈركىيە ئارمىيەسى پ ي د غا قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە

كىلىس چېگرا رايونىغا جايلاشقان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ توپچى قىسىملىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى قارارگاھلىرىنى «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق توپقا تۇتماقتا.

433726
تۈركىيە ئارمىيەسى پ ي د غا قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:

كىلىس چېگرا رايونىغا جايلاشقان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ توپچى قىسىملىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى قارارگاھلىرىنى «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق توپقا تۇتماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيە ئارمىيەسى توپچى قىسىملىرى ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە توپقا تۇتۇۋاتقان پ ي د قارارگاھلىرىدىن بۈگۈن ئەتىگەندە يەنە توپ ئېتىلغان. شۇنىڭ بىلەن، كىلىس چېگرا رايونىغا جايلاشقان ئاقچاباغلار يېزىسى ئەتراپىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملار ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 10 ئەتراپىدا تېررورىستلارنىڭ قارارگاھلىرىنى «بوران – چاپقۇن» ناملىق شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەكلەر ئارقىلىق توپقا تۇتۇشقا باشلىغان. توپ ئاۋازلىرى كىلىس شەھەر مەركىرىزىدىنمۇ ئاڭلانغان، چېگرا رايونىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن. سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قاراشلىق ئىئزاز ناھىيەسى ئەتراپىدىكى مىننىگ ئايرودۇرۇمى ۋە ئەتراپىنى ئۆتكەن ھەپتە قولغا كىرگۈزگگن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د شەنبە كۈنى تۈركىيە تەرەپكە توپ ئاتقاندىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيەسى توپچى قىسىملىرى بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر