قۇرتۇلمۇش: تۈركلەر بىلەن كوردلار تەسادىپىي بىر يەردە ئەمەس

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش كۆجائەلىدىكى ۋىلايەتلىك پارتىيە شۆبىسىنى زىيارەت قىلغاندا، تۈركلەر بىلەن كوردلارنىڭ تەسادىپىي ھالدا بىر يەرگە كېلىپ قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

432947
قۇرتۇلمۇش: تۈركلەر بىلەن كوردلار تەسادىپىي بىر يەردە ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش پ ك ك ۋە دائېشقا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئارقىسىدا، بەزى چوڭ كۈچلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ياردىمىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ كوجائەلىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبىسىنى زىيارەت قىلغاندا، بىر قاتار كۈچلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قوراللاندۇرۇلغان بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندە ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «تۈركىيە خەلقى ئارىسىدا ئايرىلىش ۋە تۇيغۇ جەھەتتىكى يىراقلىشىش ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىز تۈركلەر ۋە كوردلار تەسادىپىي بىر يەرگە كېلىپ قالمىدۇق. تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا چىقارغان ماددىي ۋە مەنىۋى زىدىلەرنى بىرلىكتە تاڭىمىز، بارلىق پارتىيەلەرنى بۇ مۇساپىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر