«ئايلان كۇردى» ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىرى سوتلاندى

كۆچمەنلەر باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تىراگېدىيەلەرنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان كىچىك بالا ئايلان كۇردى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى سۈرىيەلىك ئادەم ئەتكەسچىسىنىڭ سوتى، مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىدە باشلىدى.

430927
«ئايلان كۇردى» ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارلىرى سوتلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئايلان كۇردى» ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك سۈرىيەلىك ئىككى جاۋابكار، بۈگۈن (11 – فېۋرال) ئەتىگەندە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا بودرۇم ئەدلىيە ئىدارىسىغا ئېلىپ كېلىندى.

جاۋابكارلار توغرىسىدا تەييارلانغان ئەيىبلەشنامىدە، «ئادەم ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش» ۋە «بىردىن كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇش» جىنايىتى ئارتىلىپ، 35 يىللىقتىن قاماق جازاسى تەلەپ قىلىندى.

2015 – يىلى 2 – سېنتەبىر گىرېتسىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 14 ئادەمنى ئېلىپ ماڭغان يەل قولۋاقنىڭ چۆكۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن، ئايلان كۇردى ۋە ئىنىسى بىلەن ئانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كۆچمەن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئايلان كۇردىنىڭ جانسىز بەدىنى بار فوتوگراف كۆچمەنلەر تىراگېدىيەسىنىڭ دۇنياغا ئاڭلىنىش نۇقتىسىدىن دۇنيا كۈنتەرتىپىدە كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر