چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مىيۇنخېندىكى پويىز ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك ۋالتېر سىتېينمىيېرغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

430086
چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تېلېگراممىسىدا ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغاننىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە گېرمانىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى، يارىلانغانلارغا ئاللاھ تائالادىن شىپالىق تىلىدى.

گېرمانىيەنىڭ باۋيېرا ئۆلكىسىگە قاراشلىق باد ئابلىڭ شەھىرىدە ئىككى پويىز بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىپ، 9 كىشى قازا قىلغان، 108 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر