«تۈركىيەنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقى يالغان»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى موشې يائالوننىڭ «تۈركىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن دائېشقا ياردەم بەردى» تەرىقىسىدىكى دەۋالىرىنى رەت قىلدى.

425426
«تۈركىيەنىڭ دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقى يالغان»
10-11/Files\UploadedImages\45ddd630d3494624b948ec83b51cb40e_4)abd terörist grup.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر، كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يائالوننىڭ ئاتىنا زىيارىتى جەريانىدا گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۈركىيە ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىگە ئامېرىكىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن نېفىت سېتىۋالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل – ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن تونېر، «بىز بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر ئىشارەتنى كۆرمىدۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر