ئىبراھىم كالىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەققىدە توختالدى

ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋالىيلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، «زۆرۈر تېپىلغاندا بەلگىلىمىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويىۋېرىڭلار» دېگەن سۆزى ھەققىدىمۇ ئېنىقلىما بەردى.

425068
ئىبراھىم كالىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەققىدە توختالدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشنىڭ ھېچقاچان كوردلارغا قارشى كۈرەش بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەرنىڭ ھېچقاچان كوردلارغا قارشى ھەرىكەت بولمىغانلىقىنى قاتتىق تەكىتلەپ، «ئەكسىچە بولغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنى كوردلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ، ھەتتا كوردلارنى تېرررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئوخشاش كۆرگەنلىكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ رېئاللىق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى ئىنتايىن روشەن. تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزلىرىنى كورد خەلقىنىڭ ھىمايىچىسى ۋە ۋەكىلى قىلىپ كۆرسىتىش تىرىشچانلىقى بولۇشى مۇمكىن، بۇ بىر ئىغىۋاگەرچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.
ئىبراھىم كالىن، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قورال تاشلاش چاقىرىقىغىمۇ ئېنىقلىما بېرىپ، «پات پات بىزگە "تۇقۇنۇشلار توختىسۇن، ھەربىي ھەرىكەت توختىتىلسۇن، ياق مۇنداق قىلىنىشى لازىم، ياق ئۇنداق قىلىنىشى لازىم" دېگەندەك چاقىرىقلار كېلىدۇ. ئەسلىدە بۇ چاقىرىقلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قىلىش لازىم، تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قورال تاشلاشقا چاقىرىشى لازىم. بىزنىڭ ئۇنداقلارغا چاقىرىمىز شۇكى، بىزگە دۆلەت تەرتىپىنى قۇغداش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىز ھەققىدە چاقىرىقلارنى قىلىپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇ ئۇلارغا چېتىشلىق گۇرۇپپىلارنى قورال تاشلاشقا چاقىرسۇن» دېدى.
ئىبراھىم كالىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋالىيلار بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، «زۆرۈر تېپىلغاندا بەلگىلىمىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويىۋېرىڭلار» دېگەن سۆزى ئۈستىدە يۈز بەرگەن تالاش - تارتىشلار ھەققىدە توختىلىپ، «بولۇپمۇ يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇپتا بەزى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى دۆلەتكە قارشى ئىشلىتىشكە ئۇرۇنغانلىقى كۆرۈلدى. بۇ پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قىلىنغان بىر چاقىرىقتۇر» دېدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر