«پ ي د ئۆكتىچى ئەمەس، پ ك ك نىڭ قۇيرۇقى»

تۈركىيە جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان سۈرىيە يىغىنىغا قاتنىشىشىنى خالىمىغان پ ي د نىڭ ئۆكتىچى ئەمەس، پ ك ك نىڭ قۇيرۇقى ۋە بەششار ئەسەد ياردەم بېرىۋاتقان گۇرۇپپا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

424999
«پ ي د ئۆكتىچى ئەمەس، پ ك ك نىڭ قۇيرۇقى»
10-11/Files/UploadedImages/1991825428pkk.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد بىلەن رۇسىيە ياردەم بېرىۋاتقان پ ي د بىر تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ چېگرا لىنىيەلىرىگە تەھدىت سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن، 30 غا يېقىن لاگېرلىرىدا تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ۋە شەرقىي رايونلىرىنى قانغا بوياۋاتقان تېررورىستلارنى يېتىشتۈرمەكتە.

تېررورىستلار تەربىيەلىنىدىغان بۇ لاگېرلارنىڭ بېشىدا نارىن، چەكدار، دەرسۇئان، بۇلبۇل، پەندىرەك، راجو، سەرەكانىيە ۋە كەزۋان تېغى كېلىدۇ. لاگېرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ھالقىلىق بولغىنى قامىشلى لاگېرىدۇر.

لاگېرلارنى تۈركىيە ئارمىيەسى قەندىل تېغىنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن كوبانى رايونىغا قېچىپ كەتكەن باھوز ئەردال لەقەملىك فەھمان ھۈسەيىن باشقۇرماقتا.

باھوز ئەردال تېررورىستلارنى مەخپىي ھالدا تۈركىيەگە كىرگۈزمەكتە، مەزكۇر لاگېرلاردا تەربىيەلەنگەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بومبىچىلىرى بىلەن مەرگەنلىرى تۈركىيەگە ئۆتۈپ، قەتلىئام يۈرگۈزمەكتە.

لاگېرلارنىڭ چىقىمىنى بولسا بەششار ئەسەد ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بەششار ئەسەد پ ك ك تېررورىستلىرىنىڭ تۈركىيەگە ئۆتۈشىگە سۈرىيە جاسۇسلۇق ئورگىنى ئەلمۇخابەرات خادىملىرى ئارقىلىق ياردەم قىلماقتا. بۇ لاگېرلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان قورال – ياراغلار بىلەن ئوق – دورىلارنى بولسا رۇسىيە تەمىنلىمەكتە


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر