ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئەنقەرەدە فېدېرىكا مۇغرىنى بىلەن كۆرۈشتى

چانكايا سارىيىدا ئاخباراتچىلارغا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش تەخمىنەن 1 سائەت 45 مېنۇت داۋاملاشتى.

424812
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئەنقەرەدە فېدېرىكا مۇغرىنى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى شۇنداقلا ياۋروپا كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى فېدېرىكا مۇغرىنى بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىش چانكايا سارىيىدا ئاخباراتچىلارغا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 1 سائەت 45 مېنۇت داۋاملاشتى.
باش مىنىستىرلىك ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ مۇغرىنى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا كۆچمەنلەر كىرىزىسى ۋە تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەمكارلىق باسقۇچلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئۇچرىشىشتا يەنە سۈرىيە ۋەزىيىتى، رۇسىيەنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە رايون خاراكتېرلىك باشقا مەسىلىلەرمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن.
باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، جەنۋەدە باشلىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىدا ھەقىقىي سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ مۇزاكىرە ئۈستىلىگە كېلىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەر تۈرلۈك تۆھپىلەرنى قوشۇشنى خۇددى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرغاندەكلا داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر