«مۇھىم باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامىل پ ك ك نىڭ سەركەشلىكى»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىبراھىم قالىن چارە باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامىلنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قورال تاپشۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇشتەك سەركەشلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

424241
«مۇھىم باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئامىل پ ك ك نىڭ سەركەشلىكى»
İbrahim Kalın

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن، «‹ Daily Sabah› گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايوندىكى پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختالدى، ھەمدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كوردلارنى ئەمەس، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دائېش ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلالمىغىنى، دائېشقا قارشى كۈرەش مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىش ھېسابلانمىغىنىدەك، پ ك ك مۇ كوردلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، جۈملىدىن پ ك ك غا قارشى كۈرەش ھەرگىزمۇ كودرلارغا قارشى كۈرەش ھېسابلانمايدۇ. جۇمھۇر رەئىسىمىز باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە ھەم كورد پۇقرالىرىمىزنىڭ مەدەنىي ھەق – ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمدە رايوننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم قەدەملەر تاشلاندى.»

چارە باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرغان سەۋەبنىڭ پ ك ك نىڭ قورال تاپشۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇۋېلىشتەك تەرسالىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن قالىن، «ئابدۇللاھ ئۆجالاننىڭ چاقىرىقلىرى ۋە بۇ باسقۇچتا ۋەدە بەرگەن بولۇشىغا قارىماي پ ك ك قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى تۈركىيەدىن چېكىندۈرمىدى. چۈنكى پ ك ك قورال تاپشۇرۇشنى خالىمايۋاتىدۇ» دېدى.

بىر قىسىم دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ پ ك ك غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن قالىن، تاراتقۇلارنى ۋەقەلىكلەرنى تەرەپسىز ھالدا خەۋەر قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «بىر قىسىم تاراتقۇلار پ ك ك نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كوردلارنى يوقىتىش نىشان قىلىنغان ھۇجۇملار دەپ تەتۈر تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ.»

سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىلىقمۇ توختالغان قالىن پ ك ك ۋە قول – چۇماقچىلىرىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشنى ئۆزلىرىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يوشۇرىدىغان قالقانغا ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر