ئۇيغۇر مەبلەغ سالغۇچىلار ئەنقەرە چۇبۇق ناھىيەسىنى زىيارەت قىلدى

ئۇيغۇر ھەيئىتى، ئەنقەرە چۇبۇق ناھىيەسىنىڭ باشلىقى جەمال شاھىننى زىيارەت قىلىپ، مەبلەغ سېلىش بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

151423
ئۇيغۇر مەبلەغ سالغۇچىلار ئەنقەرە چۇبۇق ناھىيەسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەدە مەبلەغلىرى بولغان ئۇيغۇر مەبلەغ سالغۇچىلار، ئەنقەرە تەرەققىيات ئاگېنتلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن چۇبۇقتا يېزا ئىگىلىكىگە مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئورگانىك مېۋە – كۆكتات، پارنىك، زىننەت ئۆسۈملۈكلىرى ھەمدە باقمىچىلىق ئىشلىرىدا پائالىيەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىدىغان پۇرسەتلەرگە ئىگە ناھىيەنىڭ تەرەققىيات يولىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن جەمال شاھىن، ئۇيغۇر ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
چۇبۇق ناھىيەسى ھۆكۈمەت باشلىقى ئاجەخان: «ناھىيەمىز تارىخى، تەبىئىي گۈزەللىكى ۋە يېزا ئىگىلىكى جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئارتۇقچىلىققا ئىگە. بۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدە لايىھەلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلگەن ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي قارارغا ئىگە مېھمانلىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن. بۇخىل لايىھەلەرنى تارىخىي رىشتىمىز بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولۇشى، بىزنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. بىز ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ناھىيەمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ھەر تۈرلۈك لايىھەلەرنى يېقىندىن قوللاشقا تەييارمىز» دېدى.
ئۇيغۇر ھەيئىتى زىيارەتتىن كېيىن، ناھىيەلىك يېزا ئىگلىك ۋە ھايۋانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە، چۇبۇقتىكى مېۋە – كۆكتات ۋە زىننەت ئۆسۈملۈكلىرى پارنىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر