ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ناتو باش كاتىپىنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا مۇھىم ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتقان پەيتلەردە قىلىدىغان بۇ زىيارىتىدە رەسمىي ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

150680
ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ 9 – ئۆكتەبىر دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئارقىدىن بىر قاتار ئايرىم كۆرۈشۈشلەردە بولىدۇ. ناتو باش كاتىپىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا يېقىنقى كۈنلەردە ئوتتۇرىغا چىققان سۈرىيە چېگراسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
جېنس ستولتېنبېرگ، «ناتو ئەزاسى تۈركىيەنىڭ چېگرالىرىنى قوغداش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر» دېيىش ئارقىلىق تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جېنس ستولتېنبېرگ جۈمە كۈنى، يەنى 10 – ئۆكتەبىر تۈركىيەدىن ئايرىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر