خىتاي تۈركىيەگە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى باشچىلىقىدىكى بېيجىڭ ھەيئىتى، دۆلىتىمىز (تۈركىيە) دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تۈركىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈلۈشىنى تەكلىپ قىلدى.

141829
خىتاي تۈركىيەگە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى

ب د ت نىڭ 69- نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئۇچرىشىشتا، خىتاي تەرەپنىڭ چاۋۇشئوغلۇ باشچىلىقىدىكى تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەيئىتىگە <بىر ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقى> غا دائىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئۇچرىشىشتا، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە قىلىنىدىغان زىيارەتلەر تىلغا ئېلىنىپ، خىتاي تەرەپنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىش توغرىسىدىكى ئۈمىدىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى، تۈركىيە تەرەپنىڭ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىققا نامزات بولۇش مەسىلىسىدە خىتاينىڭ تۈركىيەنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ب د ت ۋە ب د ت ئورگانلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنىڭ راۋاجلاندۇرۇلىشى مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز يولى قۇرۇلۇشى لايىھەسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، مۇداپىئە ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى مەسىلىسىدىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىدا لائوس، گۇاتېمالا، خىتاي، كوستارىكا، سىنگاپۇر، ئافغانىستان، ئېفىئوپىيە، پاكىستان، تايلاند ۋە كامبودژا قاتارلىق ئەللەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر