ئەمىنە ئەردوغان ب د ت دا سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە كۆرە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان لىدەرلەرنىڭ رەپىقىلىرى ئىشتىراك قىلغان «ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى» سەرلەۋھىلىك كونفېرانستا سۆز قىلدى.

140624
 ئەمىنە ئەردوغان ب د ت دا سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سۆز قىلدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە كۆرە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان لىدەرلەرنىڭ رەپىقىلىرى ئىشتىراك قىلغان «ئاياللار ۋە قىز بالىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى» سەرلەۋھىلىك كونفېرانستا سۆز قىلدى.
ئەمىنە ئەردوغان، ئاياللار قىز بالىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئەمىنە ئەردوغان، تۈركىيەدە دۆلەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مائارىپنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئىشلەۋاتقان سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى ۋە لايىھەلىرىدىن ئۈلگىلىك مىساللارنى كەلتۈردى.
بولۇپمۇ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ كۆپ جاپا – مۇشققەتلىرىنى ئاياللار بىلەن بالىلارنىڭ تارتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ئەمىنە ئەردوغان، ئىراق ۋە سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشلار تۈپەيلى تۈركىيەگە كۆپ ساندا كۆچمەن كەلگەنلىكى ۋە كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەمىنە ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىز ئۆز پۇقرالىرى ئۈچۈن قانات يايدۇرۇۋاتقان مائارىپ خىزمەتلىرىدىن تۈركىيەگە كەلگەن كۆچمەنلەرنىمۇ ئوخشا سەۋىيەدە بەھرىمەن قىلماقتا.»
تۈركىيەدە، ئاياللار بىلەن قىز بالىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىنىڭ يېتىلدۈرۈلۈشى يولىدا بېسىلغان تۇنجى قەدىمى سۈپىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان مائارىپ خىزمەتلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەمىنە ئەردوغان، «ھەمكارلىشىش بولۇپمۇ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۇلۇغۋار نىشانلارغا يېتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر