جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتارغا قاراپ يولغا چىقتى

ئەردوغان بۈگۈن قاتارغا ماڭىدۇ

125147
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتارغا قاراپ يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇھمۇر رەئىس ئەردوغان قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامەد ئەل سانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۈگۈن سائەت 14:00 دە قاتارغا ماڭىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ئەسناسىدا قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامدە ئەل سانى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئالدىنقى ئەمىر ھامەد بىن خەلىفە ئەل سانى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
زىيارەتتە تۈركىيە-قاتار مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئەردوغاننىڭ دوھادىكى تۈرك بازىرىنىڭ ئۇلىنى سېلىش مۇراسىمىغىمۇ قاتنىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر