ئەردوغان ئىراق پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئات مەسۇم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

120637
ئەردوغان ئىراق پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراق پىرېزىدېنتى فۇئات مەسۇم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. ئەردوغان مەسۇمغا ئىراقتا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىراقتىكى بارلىق قاتلاملارنى باغرىغا بېسىشىنىڭ دۆلەتنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، يېڭى باسقۇچتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنىڭمۇ ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئىراق خەلقىنىڭ بارلىق قاتلاملىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، ئىراقتىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مۇداپىئە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىغىمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇۋاپىق كىشىلەرنىڭ تەيىنلىنىشىنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئىراق پىرېزىدېنتى مەسۇمنىڭمۇ ئەردوغانغا تۈركىيە – ئىراق مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى ئارزۇسىغا ئورتاق ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ جەھەتتە قەتئىي ئىرادىگە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، ئىراقتىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىل قىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىراقلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا، «يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىراق خەلقىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنى باغرىغا بېسىشى ۋە دۆلەتنىڭ نۆۋەتتە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىراق خەلقىگە خاتىرجەم ۋە باياشاتلىق ئېلىپ كېلىدىغان سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر