تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مۇراسىمىغا مەركەزلەشتى

تۈركىيە 12-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىك مۇراسىمىغا مەركەزلەشتى.

106075
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مۇراسىمىغا مەركەزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تۇنجى قېتىم خەلق تەرىپىدىن جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قەسەم بېرىش ۋە 11-جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلدىن ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىملىرىغا مەركەزلەشتى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت)دە سائەت بۈگۈن 14:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك قەسەم بېرىش مۇراسىمى ۋە ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىملىرىنىڭ ئالدىنقى مۇراسىملاردىن ئالاھىدە پەرقلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
خەلق تەرىپىدىن سايلانغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارلامېنتتا ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق كۈتۈۋېلىنىدۇ. پارلامېنت باشلىقى جەمىل چىچەك ئومۇمىي كېڭەشكە رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەكلىپ قىلىدۇ. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارلامېنت باشلىقى ۋەكىلى ئايشەنۇر باھچەكاپىلى بىلەن ئومۇمىي كېڭەشكە بىرلىكتە كىرىدۇ.
مۇراسىمغا 19 دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى ۋە دۆلەت رەئىسى، 4 دۆلەتنىڭ پارلامېنت باشلىقى، 14 دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى ۋە نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ رەئىسلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قەسەم بەرگەندىن كېيىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلىدۇ ۋە ئەردوغان بىلەن باھچەكاپىلى ئومۇمىي كېڭەش زالىدىن ئايرىلىدۇ. پارلامېنتتىن ھەربىي مۇراسىم بىلەن ئۇزىتىپ قويۇلىدىغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزىگە ئاجرىتىلغان مەخسۇس ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئاتا تۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە ئارقىدىن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن چانكايا سارىيىغا بارىدۇ.
چانكايا سارىيىدا جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئا دەرىجىلىك دۆلەت مۇراسىمى سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەردوغان بىلەن رەپىقىسى چانكايا سارىيىدا ئاتلىق قىسىملار تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنىدۇ. ئارقىدىن چانكايا سارىيى مۇراسىم ئىشىكى ئالدىدا ئۇلارنى ئابدۇللا گۈل ۋە رەپىقىسى كۈتۈۋالىدۇ.
ھالەف-سەلەف جۇمھۇر رەئىسلىرى، ئابدۇللاھ گۈل بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، چانكايا سارىيىدىكى خىزمەت ئىشخانىسىدا ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، كۈتۈۋېلىش زالىغا بارىدۇ. زالدا ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن ھالەف-سەلەف جۇمھۇر رەئىسلىرىنىڭ قىسقىچە ھاياتى ئوقۇپ ئۆتۈلىدۇ ۋە ئىككى رەھبەر سۆز قىلىدۇ.
ئىككى رەھبەر سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، چانكايا سارىيىنىڭ يېڭى ئىگىسى ئەردوغان، ئابدۇللاھ گۈل بىلەن رەپىقىسىنى ھەربىي مۇراسىم بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ. ئابدۇللاھ گۈل ۋە رەپىقىسى ئايرىلغاندىن كېيىن ئەردوغان ۋە رەپىقىسى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا كىرىپ، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چانكايا سارىيىغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر