بىر قىسىم دۆلەتلەرگە باش ئەلچى تەيىنلەندى

مىنىستىرلار كېڭىشى قارارنامىسى ئارقىلىق ئىران، كانادا، ئۇممان ۋە بوتسىۋانا قاتارلىق دۆلەتلەرگە باش ئەلچى تەيىنلەندى

103976
بىر قىسىم دۆلەتلەرگە باش ئەلچى تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلار كېڭىشى قارارنامىسى ئارقىلىق ئىران، كانادا، ئۇممان ۋە بوتسىۋانا قاتارلىق دۆلەتلەرگە باش ئەلچى تەيىنلەندى.
رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنغان قارارنامىگە كۆرە، تۈركىيەنىڭ مالايشىيا باش ئەلچىسى ئۇغۇر دوغان ئۇممان سۇلتانلىقى باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن، ئۇممان باش ئەلچىسى كەرەم ئەھمەد قىراتلى مەركەزگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن،
كانادا باش ئەلچىلىكىگە سەلچۇق ئۈنال، ئىران باش ئەلچىلىكىگە رىزا ھاقان تەكىن، بوتسىۋانا باش ئەلچىلىكىگە ئىبرھىم مەتە ياغلى تەيىنلەنگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر